-
ماتېماتىك ئەركىن ئۆمەر维吾尔族数学家 - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2012-03-31
ماتېماتىك ئەركىن ئۆمەر 1959-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان،1989-يىلىشىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن، 1999-يىلى گىرمانىيە بىرلىن تەبىئى پەنلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا (Technische Universitaet Berlin)ئوقۇپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.دوكتۇرلۇق تېمىسى “Degree Bounds for the Circumference of Graphs”,،يىتەكچىسى داڭلىق ماتېماتىك Professor Dr. Heinz A. Jung。
ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىىتدا فرافېسسور ،گېرافىك نەزەرىيىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى، ئاسپىرانىت يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئاساسلىق تەتقىقات يجنىلىشى : گېرافىك نەزەرىيىسى.يەنى گېرافىك نەزەرىيىسىدىكى ماكسىمۇم ئايلانما ۋە يول ، گېرافىك ئۇزلۇكسىزلىكى (باغلىقلىقى) ۋە ئۇنىڭ خىمىيە ۋە كومپىيۇتېر ساھەسىدە قوللىنىشى قاتارلىقلار بولۇپ ، جەمئى 20 دىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلغان.
ئاساسلىق يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان پەنلەر: يىقىنقى زامان ئالگېبىراسى ، قۇرۇلما نەزەرىيىسى، ماترىسسا نەزەرىيىسى، گىرافىك نەزەرىيىسى.
يىقىنقى بەش يىلدىن بىرى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەشكىللىگەن نوقتۇلۇق تەتقىقات تۇرىدىن بىرىنى ، باشقا پەن تەتقىقات تۇرىدىن 4 نى ، نوقتىلىق ژورناللاردا 8 پارچە ماقالە، SCI تىزىملىكىدىكى ماقالىدىن 4 نى ئىلان قىلدى.
Email: vumar@xju.edu.cn -
ماتېماتىك ئىلھام يۈسۈپ维吾尔族数学家 - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2012-03-31
ئىلھام يۇسۇپ 1958-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى چاپچال جاغىستاي يېزىسى ۋە غۇلجا شەھرىدە ئوقۇغان. 1978-يىلدىن 1983-يىلغىچە شىنقاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتىتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلىپ قىلىنغان . 1997-يىلدىن 1999-يىلغىچە گىرمانىيىنىڭ درېسىېدىن ئۇنۋېرسىتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتىتىدا ئڭقۇغان. 2000-يىلى گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا-تەبى.ى پەنلەر تارىخى تەتقىقات ئورنىدا ماتېماتىكا تارىخى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. ھازىر شىنقاڭ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئانالىز ماتېماتىكىدىكى فۇنكىتسىيە نەزەرىيىسىگە دائىر«ئۆلچەملىك بوشلۇقنتىكى كەسمە توپلامنىڭ كۆپۇنكى توپلامدا ئىپادىلىنىشى» ،ماتېماتىكا تارىخىغا دائىر، ۋۇۋېنجۇن ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە يىپەك يولى فۇندى ياردىمىگە ئىرىشكەن مەخسۇس تەتقىقات ماقالىسى « ئوتتۇرا ئەسىر ماتېماتىكى ئەل خوتاللى ئەل تۇرك ۋە ئۇنىڭ ئالگېبىراسى» ، «ساندىن ھالقىپ كىتىش» ، « <قۇتادغۇ بىلىگ> تىكى ماتېماتىكىغا ئائىت تۆت شىئېر ھەققىدە» ...قاتارلىق بىر مۇنچە ئىلمىي ماقالىلىرى ، «ماتېماتىكا ئانالىز دەرىسلىكى» ، «كومپىلىكىس ئۆزگەرگۇچىلىرى فۇنكىتسىيىسى نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئىككى تەرجىمە كىتابى نەشىر قىلىنغان . 2008-يىلى بۇيۇك ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا ئەل خارازىمىنىڭ «ئالگېبىرا»( بۇ ئەسەر ئەسلى ئەرەپچە يېزىلغان بولۇپ خەنزۇچىگە <ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئالگېبىرا> دەپ تەرجىمە قىلىنغان) دېگەن ئەسىرىنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، كىتاپ بىيجىڭدا نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن زور تەسىر قوزغىغان.. يىقىندا يەنە تەتقىقات مېۋىسى بولغان » ماتېماتىكىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇملارنىڭ كىلىپ چىقىشى« ناملىق مەخسۇس ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىغا دائىر ئەسىرى نەشىر قىلىندى. ماتېماتىك ئىلھام يۇسۇپ ئانالىز ماتېماتىكا ۋە ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىر قاتار ئۇتۇقلىرى بىلەن بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئالىم.
. -
موڭغۇل ماتېماتىك مىڭ ئەنتۇ - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2012-03-31

مىڭ ئەنتۇ (1692-1765) چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ماتېماتىك ، ئاستىرونۇم . تەخەللۇسى جىڭ يەن ، مۇڭغۇل مىللىتىدىن. كاڭشىنىڭ 51-يىلى (1712-يىلى)خانلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، مۇزىكا ۋە كالېندارچىلىق دەستۇرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان، كىيىن ئاستىرونۇمىيە ۋە كالېندار ئىشلىرىنى باشقۇردىغان ئەمەلدار بولغان . ئەينى يىللاردا فرانسىيىلىك ژارتوكىس دۆلىتىمىزگە كىلىپ چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېسابلاش قاتارلىق ئۇچ چەكسىز قاتارلار فورمىلىسىنى تونۇشتۇرىدۇ ، لىكىن ئىسپاتلىمايدۇ. مىڭ ئەنتۇ چەن لوڭنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ 30 نەچچە يىل جاپالىق ئەجىر سىڭدۇرۇش ئارقىلىق ، ئاخىرى ئۇنى ئىسپاتلايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالتە فورمىلىنى كەشىپ قىلىدۇ. مىڭ ئەنتۇ چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ ئېنىقلىق قىممىتىنى چەمبەرگە ئىچىدىن ئۇرۇنغان كۆپتەرەپلىكلەردىن پايدىلىنىپ تېپىشقا دائىر ئەسىرىنى ئىلان قىلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولىدۇ . ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ داۋامىنى ئوغلى مىڭ شىن ( تەخەللۇسى جىڭ جىن ) بىلەن ئوقۇغۇچىسى چېن جىشىن ( تەخەللۇسى شۈن ۋۇ ، ۋەنپىڭلىق) لار داۋاملاشتۇرۇپ تۇگىتىدۇ، بۇ ئەسەر جەمئى تۆت توم.
-
ماتېماتىك ئەيلېر كۇمۇش تەڭگىدە - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2012-03-31

2007-يىلى روسىيە بانكىسى مەشھۈر ماتېماتىك ئەيلېرنىڭ 300 يىللىقىغا ئاتاپ بىر يۇرۇش تارقاتقان خاتىرە تەڭگىنىڭ بىرىدىن ئۇنىڭغا ئورۇن بەردى.ئۇ 1707-يىلى شېۋىتسىيىدە تۇغۇلغان.19 يېشىدىن باشلاپ ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىشقا باشلاپ 886 پارچە ماتېماتىكىلىق كىتاپ ۋە ئىلمىي ماقالىسىنى ئىلان قىلغان.ماتېماتىكا ۋە ئالەم قاتنىشى نەزەرىيىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. بۇ خاتېرە تەڭگە جۇڭگۇدىمۇ ئاز مىقداردا تارقىتىلغان، مەندە بىر نۇسخىسى »شەرەپ« بىلەن ساقلانماقتا......
-
ماتېماتىك كانتۇر - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2012-03-31

كانتۇر( 1845-1818) گېرمانىيە ماتېماتىگى، توپلام نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى.ئۇ 1845-يىلى روسىيىنىڭ پىتېربوروگدا بىر يەھۇدى سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1856-يىلى ئائىلىسى بىلەن گىرمانىيىنىڭ فىرانكىفوردقا بىرىپ ئولتۇراقلاشقان. كوپېنھاگېن ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق 4 ئالىي مەكتەپتە ئىلگىر - ئاخىر پەلسەپە، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئۇگەنگەن. 1869-يىلدىن باشلاپ ھاللىي ئۇنۋېرسىتىتىدا خىزمەت قىلغان. 23 يېشىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان، ماتېماتىكا تەتقىقاتى جەھەتتە كانتۇر چەكسىز توپلامنىڭ پوتېنسىيالى، تەرتىپلەر تېپى قاتارلىق چۇشەنچىلەرنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە ترانسىفىېنىت سان نەزەرىيىسىنى تۇرغۇزغان، ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ماتېماتىكا ئاساسلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم . كانتۇر يەنە ھەقىقىي سانلار نەزەرىيىسىنى ئاساسىي سانلار ئارقىمۇ- ئارقىلىقىدىن پايدىلىنىپ قايتا شەرھىيلىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بارلىق ماتېماتىكا نەزەرىيىلىرى توپلام تىلى بىلەن يىزىلدىغان بولغان.
ھازىرقى زامان پەن -تېخنىكىسىنىڭ تىلى ماتېماتىكا، ماتېماتىكىنىڭ تىلى توپلام.
-
پەخىرلىك قىز ـــ پەخرىيە - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2012-03-20
2011–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى) نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن ، ئىنتېرنېتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پەخرىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ، ماتېماتىكىدا تولۇق 150 نومۇر ئالغانلىق خەۋىرى تارقىلىشقا باشلىدى . بۇ ئۇچۇرنى دەسلەپ كۆرگىنىمدە ئاز-تولا گۇمانلىنىش ئىلكىدە مۇنداقلا قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم . ئاخشام تور ئارىلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بارلىق نەتىجىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، جۈملىدىن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكا يەككە پەن نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا پەخرىيەنىڭ تولۇق 150 نومۇر ئالغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەيرانلىقى ۋە قايىللىقىنى قوزغايدىغان ئىش ، بۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىلھام–مەدەت بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈسى ...
-
1781 – يىلى ئەنگلىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى ۋىليام گېرشېل ئۆزى ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسىدىكى يەتتىنچى چوڭ سەييارە – ئوراننى بايقايدۇ. ئۇراننىڭ بايقىلىشى قەدىمىي قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىنى خىرىسقا ئۇچرىتىدۇ، بىر مەھەل ئۇراننى كۆزىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ.
كىشىلەر ئۇراننى كۆزەتكەن چاغدا، ئۇنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن ھېسابلاپ چىقىلغان ئوربىتىنى ئوبدان بويلاپ ئايلانماي، ھەمىشە ‹‹تاپتىن چىققان›› ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يۈرەكلىك ھەم ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر تەسەۋۋۇر ئاسترونوملارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ: ئۇراننىڭ سىرتىدا يەنە بىر سەييارە بارمۇ، قانداق؟ دەل مۇشۇ سىرلىق ‹‹كۆرۈنمەس ئەزىمەت›› ئۇراننىڭ ئوربىتىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما بۇ سەييارە ئۇراندىنمۇ يىراقتا، يورۇقلۇق دەرىجىسى بەكمۇ ئاجىز بولغاچقا، ئاسترونوملارنىڭ چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ئۇنى تاپماقچى بولۇشى خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىش ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا، ئىككى نەپەر ياش ماتېماتىكا ئالىمى باشقىچە يول تۇتۇپ، چوڭ تىپتىكى ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپتىن پايدىلانماي، بەلكى قەلەم بىلەن قەغەزدىن پايدىلىنىپ، نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچىگە ئاساسەن، تېخى مەلۇم بولمىغان بۇ سەييارىنىڭ ئورنىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. ئۇلار ئەنگلىيەلىك ئادامس بىلەن فرانسىيىلىك لىۋېيىدىن ئىبارەت.
-
قىيىن نۇقتا ئېنىق بەلگىلەنمىسە، ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتىشى، نەتىجىسى تۆۋەنلەش، دەرسنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. قىيىن نۇقتىنى بەلگىلەشتە ئوقۇتۇش پروگراممىسى، دەرسلىك ماتېرىيالى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئاساسىدا دەرس تەييارلاش - ئۆتۈش، تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش، سىنىپتا سوئال سوراش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تەكشۈرۈش سۈپەت تەھلىل قىلىش… قاتارلىقلار ئاساسىدا بەلگىلەنگەنسە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئومۇمەن يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئۇسۇللار كۆپىنچە قىيىن بولىدۇ. شۇڭا بۇلارغا ئېتىبار بىلەن قاراش كېرەك. قىيىن نۇقتا بەلگىلەنگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىش لازىم. 1. يېڭى ئۇقۇملارغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئوڭاي قوبۇل قىلالمايدىغان ئۇقۇملار، ئۇسۇللارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەش، چۈشىنىشلىك ئاممىباب تىل بىلەن بايان قىلىش، تېزدىن چوڭقۇرلاپ بېرىش پرىنسىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق يەتكۈزۈش لازىم. 2. يېڭى ئۇسۇللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى قىيىن نۇقتىلاردۇر. مەسىلەن: قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش، ماتېماتىكىلىق ئىندوكسىيە، ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلاش يوللىرى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئۈلگىلىك مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلاشنىڭ يوللىرى، ئىسپاتلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم. بەزى ئىسپاتلاش مەسىلىلىرىنى بېسىپ تارقىتىپ بېرىپ، ئىسپاتلاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ، بوش ئورۇنلارغا ئىسپاتلاشتىكى ئاساسنى يازدۇرۇش لازىم. بەزى مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ئىشلەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇقۇم، خۇسۇسىيەت،
-
باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا تاپشۇرۇق بېرىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش توغرىسىدا - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2012-02-07
ماتېماتىكا بىلىملىرى ھەم مۇرەككەپ، ھەم ئۆز ئارا بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پىكىر قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، مۇستەقىل ھېساب ئىشلەش ئارقىلىق ماتېماتىكا دەرسىگە نىسبەتەن قىزىقىش، تىرىشىپ بىلىم ئېلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىدۇ. شۇڭا ماتېماتىكا دەرسىدە تاپشۇرۇق بېرىش ۋە ئۇنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت بۇ زۆرۈر شەرتنى تولۇق ئورۇنداشقا ۋە ئەستايىدىل بېجىرىشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. 1. تاپشۇرۇق بەرگەندە كونكرېت مەقسەت - تەلەپ بولۇشى كېرەك. دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇق بېرىش ئوقۇغۇچىلارغا، ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملىتىش، ھەزىم قىلدۇرۇش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تاپشۇرۇق بېرىشتە ئوقۇتقۇچى قايسى مەسىلىنى تاپشۇرۇق بەرگەندە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى بىلىشكە پايدىلىق، قانداق ئاجىز ھالقىنى تولدۇرغىلى بولىدۇ. قايسى مەقسەتكە يېتىمەن دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى، ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا پىلانىنى ئورۇنداش، تاپشۇرۇق بېرىش ئۈچۈنلا تاپشۇرۇق بەرمەي بەلگىلىك مەقسەتكە ۋە نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تاپشۇرۇق بېرىش كېرەك. 2. بەرگەن تاپشۇرۇق ئېنىق چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. تاپشۇرۇق بەرگەندە مەسىلىنىڭ بىرلىشىشى ھەمدە تەلىپىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈش، تاپشۇرۇقنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلار قىينىلىدىغان جايلارنى ئوقۇتقۇچى كۆڭلىدە ئېنىقلىۋېلىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ چۈشەندۈرۈشى لازىم. 3. تاپشۇرۇقنىڭ سالمىقى نورمال بولۇشى كېرەك. ماتېماتىكا تاپشۇرۇقى باشقا پەن تاپشۇرۇقلىرىغا قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ. چۈنكى ئىككى سائەتلىك دەرستە نۇرغۇن قائىدە، مەسىلە، مىساللار سۆزلىنىدۇ،
-
لېيبنىز - گېرمانىيە ئىلىم پەنىنىڭ ئاتىسى - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2012-01-31
لېيبنىز(G.W.Leibniz, 1646 - 1716)لېيبنىز گېرمانىينىڭ ھازىرقى زامان دۆلىتى بولۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، پرۇسسىيە جان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيسىنى قۇرۇپ چىققان تۆھپە ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ گېرمانىيە ئىلىم-پەن ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئاسرىستوتىلنىڭ قەدىمقى گىرىتسىيەگە قوشقان تۆھپىسىگە، نىيۇتۇننىڭ ئەنگىلىيە ئىلىم-پەن ساھەسىگە، قوشقان تۆھپىسىگە، كېيىنرەك ياشىغان رۇسىيەلىك ئالىم لومونوسوۋنىڭ تۆھپىسىگە ئوخشايدۇ. لېيبنىز پىرۇسىيەنىڭ لېيپسېگ دېگەن يېرىدە بىر پەلسەپە پروفېسسورى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ كىچىكىدىنلا ئاجايىب ئۆتكۈر بولۇپ ، ئۆمۇر بويى تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان . شۇڭا پەن - تېخنىكا تارىخشۇناسلىرى ئۇنى ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن كۆپ تەرەپلىك قابىلىيەتلىك ئادەم دەپ ئاتىشىدۇ . ئۇ تەبىئەتشۇناس ، ماتېماتىك ، پەيلاسوپ بولۇپ ، گرېتسىيلىك ئۇلۇغ ، لوگىكىشۇناس، ئالىم ئارستوتېل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384~322 - يىللار ) غا ئوخشاش بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك ، تۆھپىسى زور ئىدى . 1980 - يىلى گېرمانىيە بۇ 17 - ئەسىردىكى ئارىستوتېل نى خاتىرىلەش ئۈچۈن ، 60 فېننىگلىك بىر پوچتا ماركىسى تارقاتقان . لېيبنىز ئۆسمۈرلۇك دەۋرىدىن باشلاپلا ئۆگىنىشكە ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ ، 8 يېشىدىن باشلاپلا ئۆزلىكىدىن لاتىن يېزىقىنى ، 14 يېشىدا گرېك يېزىقىنى ئۆگەنگەن . ئۇ 1661 - يىلى لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ قانۇن ئۆگەنگەن ھەمدە گالىلېي ، باكون ، دېكارت قاتارلىقلارنىڭ ئىنقىلاب خارەكتېرلىك ئېلمىي ۋە پەلسەپە ئىدىيىسى بىلەن تۇنۇشۇشقا باشلىغان . 1666- يىلى ئۇ بىرىكمە سەنئەت دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ئۇ بۇ ماقالىسىدا ھازىرقى زامان كومپيۇتېر ئاساسىغا ئايلىنىدىغان مودېلنى ئىپادىلىگەن ۋە بارلىق خۇلاسە ، بارلىق بايقاشلارنىڭ ھەممىسى تىل بىلەن ئىپادىلىنىش - ئىپادىلەنمەسلىكتىن قەتئىينەزەر ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى رەقەم ، ھەرپ ، ئاۋاز ، رەڭ قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئورگانىك بىرىكىشى دىن ئىبارەت دەپ ئوتتۇرغا قويغان .
-
مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2012-01-17
15- ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا مەدەنىيەت ۋە ئېلىم – پەن تازا گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ ، بۇ دەۋردە يالغۇز ئەدەبىيات، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىي قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ، فىزىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرمۇ راۋاج تېپىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالەمشۇمۇل ئالىملار مەيدانغا كەلگەن. ئۆزبېك ئالىمى ئۇلۇغبەگ (ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي) ئەنە شۇلاردىن بىرىدۇر. ئۇلۇغبەگ 1394- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى سەمەرقەنت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 55 يېشىدا ئۆز ئوغلى ئابدۇللىتىپ تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.
ىلىم-پەندە داڭقى چىققان قەدىمكى شەھەر سەمەرقەنت 13- ئەسىردە چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ كېيىن كونا ئورنىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە يېڭىۋاشتىن قەد كۆتۈرگەن. شۇ چاغدىكى سەمەرقەنت شاھى ئاقساقتۆمۈر (تۆمۈرلەڭ) نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ ، ئامۇ – سىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى كەڭ زېمىن ماۋرائۇننەھىرگە پىرىسىيە، خارازەم، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ناھايىتى چوڭ ئىمپېرىيە قۇرۇپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلغان. ئاقساقتۆمۈر ئۇرۇشتا ئولجا ئالغان ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى قايتىدىن دۇنياغا كېلىۋاتقان سەمەرقەنتنى بېزەشكە ئىشلىتىپ، ھەيۋەتلىك مەسچىت، مەدرىس، ساراي ۋە چاھارباغلارنى سالدۇرغان. ئەمما بۇ قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئاقساقتۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگ 1417- يىللىرى سالدۇرغان مەسچىتكە يىتىدىغىنى يوق ئىدى
-
تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-12-14
نىيۇتۇن-دۇنيا جامائەتچىلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان بۈيۈك زات،ئۇ يەكۈنلىگەن ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى ۋە يەرشارى مېخانىكىسى نەتىجىسى كلاسىك مېخانىكا ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئاساسىي قاراشلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ،ئۈچىنجى ھەرىكەت قانۇنى ۋە جىسىملارنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغان،شۇ ئارقىلىق كىلاسىك مېخانىكىنىڭ ئۇلۇغۋار سېستىمىلىرىنى تۇرغۇزغان.ئۇ يەنە دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى ئىجاد قىلىپ،يېڭى ماتىماتىكىلىق ئانالىز قورالىنى مېخانىكىلىق ئىسپاتلاش ۋە خۇلاسىلەشگە ئەكىرگەن ھەمدە پۈتكۈل مېخانىكىنى مۇستەھكەم دېدۇكسىيە ئاساسىدا تىكلەپ،مېخانىكىنى ھەقىقىي بىر پەنگە ئايلاندۇرغان.بۇ پارلاق سەمەرىلەر نىيۇتۇن ئۆز قولى بىلەن يېزىپ چىققان‹‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى››دا خاتىرلەنگەن.
نىيۇتۇن (1642-1727)ئەنگىلىيىنىڭ ۋورستورپتىكى كىچىك بىر كەنتتە دۇنياغا كەلگەن.كېيىنكىلەر ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئېگىسى››دەپ تەرىپلەشكەن نىيۇتۇندا كىچىكىدە ئالاھىدە زېرەكلىك ۋە ئەقىللىقلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلمىگەن.ئاتىسى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەچكە،ئاپىسى قايتىدىن تۇرمۇشقا چىققان.بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنچىۋالا ياخشى ئائىلە تەربىيىسى ۋە باياشات تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېرىشەلمىەەن.ئۇ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى تىرىشچانلىقى ھەمدە جاپالىق -
ئاتاقلىق ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ ( 1847-1949) ، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن، خەلىل باشىنىڭ 20-ئەۋلات نەۋرىسى، ئاتاقلىق تارىخشۇناس جىيەن بۇزەننىڭ ئاتىسى بولىدۇ.ئۇ كىچىگىدە ئاتىسىغا ئەگىشىپ چەتئەللەردە يۇرۇپ، ياشلىقىدا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن بىلىم ئىگىلەپ ئەينى چاغدىكى خۇنەن ئالىي دارىلفۇنىن( بۇگۇنكى خۇنەن ئۇنۋېرسىتىتى) غا ئېمتىھان بىرىپ كىرىپ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇيدۇ .ئىدىيە جەھەتتە ئىلغارلىققا مائىل بولۇپ ئىنقىلاۋېي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ، مەسلەكداشلار ئىتتىپاقى(توڭمىڭخۇي)غا ئەزا بولىدۇ، كىيىن ئىزچىل مائارىپ خىزمىتى ۋە كەسپىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خۇنەن ئۆلكىلىك 2-پىداگوگىكا مەكتىپى (بۇگۇنكى چاڭدى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)نى قۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ۋە بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدىرى بولىدۇ.بىر تەرەپتىن مەكتەپ باشقۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە كۇچ چىقارسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى بىۋاستە ماتېماتىكا دەرىسىنى سۆزلەپ نۇرغۇن ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.تېڭ دەييۇەن، يۇەن رىنيۇەن، بوگۈ قاتارلىق مەرلەز رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدىكى ئۇنىڭ .
-
ماتېماتىك فاڭ جۇڭتوڭ - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-11-28
ماتېماتىك فاڭ جۇڭتوڭ (1633_1698) ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ماتېماتىكۋە ئاستىرونۇم . تەخەللۇسى بېيبۇ، ئەنخۇينىڭ توڭچىڭ دېگەن يىرىدىن ، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلدىكى پەيلاسۇپ فاڭ يىچىنىڭ كەنجى بالىسى ئىدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا ھەر قايسى ئىقىم تەلىماتلىرىنى توپلاپ « ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ كەڭىيېشى» دىن 24 جىلىد، قوشۇمچە بىر جىلىد، جەمئى 25 جىلىدلىق ماتېماتىكىلىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر ئەينى چاغدىكى جۇڭگۇنىڭ ھەسابلاش ۋە ماتېماتىكا مۇھىتىغا چوڭ تەسىر قىلغان ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىچىدىكى بىر جىلىد مەزمۇن مەخسسۇس «چوتتا ھېسابلاش»نى تونۇشتۇرۇغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا « كۆپەيتىشتە چوكا ياخشى، بۆلۇشتە قەلەم ياخشى ، قوشۇش-ئىلىشتا چوت ياخشى»دېيىلگەن. بۇ ھازىرغىچە ھەممە ئىتىراپ قىلىدىغان چوتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.يەنە بىر جىلىد مەخسۇس « گېئومىتىرىيە» مەزمۇنلىرى بولۇپ ، ماتېماتىك ئېۋكىلىدنىڭ «گېئومىتىرىيە» دېگەن ئەسىرىنىڭ 6- بابىدىكى مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش.ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەلنىڭ ئىلغار ھېسابلاش ئۇسۇللىرىمۇ بۇ كىتاپتا تونۇشتۇرۇلغان( مەسىلەن: ناپېر ھېسابلاش ئۇسۇلى) ، بۇ غەرىپنىڭ ماتېماتىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىر قەدەر سېستىمىلىق ھالدا جۇڭگۇغا تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. -
ئەمەل تەرتىپى - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2011-11-28
ئەمەل ئۇچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. قوشۇش،ئېلىش بىرىنجى دەرىجىلىك : كۆپەيتىش ،بۆلۇش ئىككىنجى دەرىجىلىك ؛ دەرىجىگە كۆتۇرۇش بىلەن يىلتىز چىقىرىش ئۇچىنچىى دەرىجىلىك ئەمەلدۇر. ھەرخىل ئەمەللەرنىڭ ھېسابلاشتىكى تەرتىپى مۇنداق بەلگىلەنگەن: (1) تىرناق بولمىغان ئەھۋالدا تەڭ دەرىجىلىك ئەمەللەر سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىنچە ھېسابلىنىدۇ دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغانلارنىڭ ئاۋال ئۇچىنچى دەرىجىلىكى ، ئاندىن ئىككىنچى دەرىجىلىكى ، ئەڭ ئاخىرىدا بىرىنجى دەرىجىلىكى ھېسابلىنىدۇ.(2)تىرناق بارلىرىنى ھېسابلاشتا ، ئالدى بىلەن تىرناق ئىچىدىكىسى ھېسابلىنىدۇ: بىرنەچچە تىرناق بارلىرىنىڭ ئاۋال كىچىك تىرناق ئىچىدىكىسى ، ئاندىن ئوتتۇرا تىرناق ئىچىدىكىسى، ئاخىرىدا چوڭ تىرناق ئىچىدىكىسى ھېسابلىنىدۇ. تىرناق ئىچىدىكى ھېسابلاش شەكلى يۇقۇرقى تەرتىپ بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ.
















































